UyghurMain Dictionary
ئارتۇر
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1886) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1881 - 1885). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. ۋېرمونت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1848-يىلى ئىتتىپاقچىلار ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1861 - 1862-يىللىرى نيۇ - يورك شتاتىنىڭ ھەربىي لاۋازىمەت ئەمەلدارى بولغان. 1871-يىلى نيۇ - يورك تاموژنا باج ئىشلىرى باش نازارەتچىسى بولغان. 1878-يىلى نيۇيورك تاموژنىسىدا خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن خايېشس زۇڭتۇڭ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. 1880- يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1881-يىلى گارفېلد زۇڭتۇڭ سۇيىقەستىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە پارلامېنت ماقۇللىغان جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش خاراكتېرىدىكى جۇڭگو كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقتىنچە 20 يىل توختىتىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنت بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ مۇددىتىنى ئون يىل (1882-يىلدىكى جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قانۇن لايىھىسى) ئۆزگەرتكەن. 1883-يىلى پارلامېنت ماقۇللىغان مەمۇرىي ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىنى قوللىغان.