UyghurMain Dictionary
ئارتۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . كۆپ، زىيادە.
ئەتىكى ئىككىدىن بۈگۈنكى بىر ئارتۇق (ماقال). * ئاتۇقىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل (ماقال). * بىر خۇتۇننىڭ ھىيلىسى ئون ئەرنىڭكىدىن ئارتۇق (ماقال).
2 . ئوشۇق، بىھۇدە. ئارتۇق گەپكە ئورۇن يوق.
گەر بىر تۆگە يىقىلسا يۈك كارۋانىدىن،
يۈكچىگە يۈكنىڭ غېمى ئارتۇق تۆگە جانىدىن.
3 . ئۈستۈن، ياخشى، ئەۋزەل. ئاناڭدىن ئارتۇق مېھرىبانىڭ يوق (ماقال). * يىراقتىن قارىسام، ئەلدىن ئارتۇق، يېقىندىن قارىسام، ھاشىم ئارتۇق. * كىم ئىشى دىلىغا بېرىدۇ ئازار، ئىتنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق شان - شەرىپى بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
زىيادە، ئوشۇق.
ئارتۇق ئۇخلىساڭ، ئاچ قالىسەن (ماقال). * دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن ئارتۇق ياتتىم، بۇنىڭدىن ئارتۇق چىدىيالمايمەن! _ دەپ ۋارقىرىدى كېسەل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى، يۈكسەك ھالەت.
ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. يامان يولداشتىن ياخشى ئات ئارتۇق. خەقنىڭ سېمىزلىكىدىن ئۆزۈڭنىڭ ئورۇقلۇقىنى ئۈستۈن بىل. سۆزى توغرىنىڭ ھۈرمىتى ئۈستۈن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلىك چەكتىن ئاشقان.
ئۆلۈك داۋلى زىيادە سۆزلەنسە، توغرا سۆزمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇقچە ئامراقلىق ئادەمگە زىيانلىق. تەۋەككۈلنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق. ئوشۇق دۆلەت باشقا تاج بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ ۋ
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلچەمدىن، مۆلچەرگە نىسبەتەن ئېشىپ كەتكەن.
كەم
ئۆلچەمگە، مۆلچەرگە نىسبەتەن يەتمەي قالغان.
ئارتۇقىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل. ئارتۇق ئۇخلىساڭ، ئاچ قالىسەن. قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق. ئوشۇق ئاش باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. تاماقنى زىيادە يېيىش - تەنگە زىيانلىق. كەم چىققان پۇلغا جاۋابكار تېپىلمايدۇ. كەم بولسا بولسۇن، زىيادە بولمىسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارتۇق، ئوشۇق.
1 - 134
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئىنتايىن. ئارتۇق، جىق، كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. بەلگىلىك مىقداردىن، ساندىن ئوشۇق؛ زىيادە، كۆپ.
ئارتۇق ئۇخلىساڭ ئاچ قالىسەن (ماقال).
25 سانى بەشتىن بەش ھەسسە ئارتۇق.
سۈپ. ئېھتىياجىدىن، نورمىدىن ئاشقان، ئوشۇق.
يېنىڭدا ئارتۇق پۇلۇڭ بولسا بەش كوي بېرىپ تۇرامسەن؟
سۈپ (چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن) ئەزىز، ياخشى، ئەۋزەل، ئەلا دېگەن سېلىشتۇرۇش مەنىسىدە كېلىدۇ.
قىزدىن ئارتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار (ماقال).
سۈپ. كۈچلۈك، زور، ئۈستۈن.
قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق (ماقال).
رەۋ. بولۇپ ئۆتكەندىن، كۆرۈلگەندىن تاشقىرى، ئۇنىڭدىن ئوشۇق.
- بەس! ئارتۇق چىدىيالمايمەن … - دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.
سۈپ. ئارتۇقچە، بىھۇدە، ئورۇنسىز.
ياماننىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق (ماقال).
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئارتۇق، جىق، نۇرغۇن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۈستۈن، ئوشۇق، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئۈستۈن، ئوشۇق، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان كىشى. باشقا شەكىللىرى: ئارتۇقبەگ، ئارتۇقباي، ئارتۇقجان.