UyghurMain Dictionary
ئارقىلىق
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ھاجەتخانىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى؛ خالى _ پىنھان جاي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن، ئارىسىدىن، ئوتتۇرىسىدىن ياكى نۇقتىسىدىن.
بۇ ھويلا ئارقىلىق باغقا چىققىلى بولىدۇ.
بىرەر كىشى ياكى بىرەر نەرسە ۋاستىسى، ياردىمى بىلەن، ياردىمىدە.
بىز تېلىفون ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپتۇق.
ئىسىمنىڭ ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن ئوخشاش مەنىدە، ھەرىكەتنىڭ ۋاستىسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ بۇ ھەرىكەتكە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاكتىپ قاتناشتى.
سەۋەبلىك، تۈپەيلىدىن.
ئۇ بۇ قېتىمقى ماجىرا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئاشكارىلىدى.