UyghurMain Dictionary
ئاركادىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر رايون. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شىمالى ئاخايد بىلەن قوشنا، شەرقى ئارگولىس بىلەن چېگرىلىنىدڭ، جەنۇبى مېسسېنىيە ۋە لاكونىكا (سپارتا) بىلەن، غەربى ئېلىس بىلەن تۇتىشىدۇ؛ نوقۇل ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى بولۇپ، تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، ئالپېئۇ دەرياسى غەربىي جەنۇبىي رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئاركادىيىلىكلەر ئەپسانىلەردىكى قەھىرمان ئاركاس (زېۋىسنىڭ ئوغلى) نىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى ئىكەن، ئۇلار دەسلەپكى مەزگىلدە دوريانلارنىڭ ئىستېلاسىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئاھالىسى ئاساسەن ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق خۇداسىغا ئېتىقاد قىلغان، مەبۇدە ئارتېمىس (ئاي خۇداسى ۋە ئوۋچىلىق خۇداسى) قىمۇ ئېتىقاد قىلغان؛ ئۇلارنىڭ مىجەزى مۇلايىم بولۇپ، مۇزىكىنى بەك ياخشى كۆرەتتىكەن. دەسلەپتە «پادىشاھلىق تۈزۈم» نى يولغا قويغان، ئىككىنچى قېتىملىق مېسسېنىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) پادىشاھ ئارىستوكرات ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى شەھەرلەر ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلەپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان، مۇھىم شەھەرلەردىن مەنتىنېيە، تېگىيە، ئوركومېنۇ قاتارلىقلار بار. پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى) ئاركادىيىلىكلەر سپارتا بىلەن ئافېنا ئىككى تەرەپكە ياللانما ئەسكەر بولغان. سپارتا كۆپ قېتىم ئاركادىيىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرالمىغان. مىلادىدىن 370 يىل ئىلگىرى تېبېس ئارمىيىسى (لېۋكترا جېڭىدىن كېيىن) پېلوپوننېسقا كىرىپ سپارتانى قايتىدىن قۇرغان. ئاركادىيىلىكلەر مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئېپامېنوندا(يۇنان سەركەردىسى) نىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مېگالوپولنى قۇرغان. مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى مەنتىنېيىدىكى تېبېسلار يەنە سپارتانى مەغلۇپ قىلغان. بىر مەھەل مېگالوپولنى مەركەز قىلغان ئاركادىيە ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن. كېيىن ئاركادىيىدىكى شەھەرلەر يەنە ماكېدونىيىگە قارشى ئاخايد ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. كېيىنكى دەۋردىكى غەربنىڭ بەزى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە «ئاركادىيە» دېگەن سۆز بىلەن يېزا - قىشلارق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن.