UyghurMain Dictionary
ئاق قويۇنلۇق خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئىراندا ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قۇرۇلغان فېئودال خاندانلىق. تۈركمەن قەبىلىلىرى قۇرغان. ئۇلارنىڭ بايرىقىغا ئاق قوي (تۈركچە AkKoyunlu) سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. تېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دىيار بەكر رايونىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. ئۇزۇن ھاسان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە (1453 - 1478) دۆلىتى قۇدرەت تاپقان. 1469-يىلى قارا قويۇنلۇق خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ئەرمەنىستان، ئەزەربەيجان، ئىراق ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىۋالغان. تەبرىز شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. غەربتە ۋېنېتسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىلگەن. شەرقتە خۇيراساندىكى تېمور ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يەڭگەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سۇلتان ئەلۋەند بىلەن سۇلتان مۇراد ئىگىلىگەن. ئاق قويۇنلۇق خاندانلىقى 1502-يىلى سەفەۋىلەر خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمائىل Ⅰ تەرىپىدىن يوقىتىلغان.