UyghurMain Dictionary
ئاق ئوردا خانلىقى
دۇنيا تارىخى
موڭغۇللار قۇرغان فېئودال دۆلەت. سىر دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنى بىلەن ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە قىپچاق خانلىقى ھۆكۈمداررى باتۇخان بۇ يەرلەرنى ئۆز ئىنىسى ئوردو خانغا ھەدىيە قىلغان. خان ئوردىسىنىڭ چېدىرى ئاق بولغانلىقى ئۈچۈن، باتۇخان ئوردىسىنىڭ ئالتۇن رەڭگى (سېرىق رەڭ) دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن <ئاق ئوردا خانلىقى> دەپ ئاتالغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆك ئوردا خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزبېك خانلىقى بولۇپ قۇرۇلغان.