UyghurMain Dictionary
ئانت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ۋەدە، قەسەم:
ئانت ئىچىپسەن گويىياكىم ئەھدۇ ھۆسنۈڭدە بېگىم،
قىلماغايسەن بىر جەراھەتلىك كۆڭۈل دەرمانىنى.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قەسەم، ۋەدە، ئەھد.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنىڭ ھەقلىق، سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۇنىڭغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرەر مۇقەددەس نەرسىنى (قۇرئان، نان، داستىخان ....) دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتىلغا سۆز، يالغان بولۇپ قالسا، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ دېيىشىدۇ.
قەسەم قىلىچتىن ئۆتكۈر. ھەقىقەتكە قەسەم كەتمەيدۇ. ئانتنى بۇزۇش - خائىنلىق. ئانت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەك، قان ئىچكۈچى كېلەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قەسەم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«قەسەم» گە قاراڭ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەسەم، ئانت.