UyghurMain Dictionary
ئاناندا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىر) <شاد - خۇراملىق>، <خۇشاللىق> دېگەن مەنىدە. بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامونىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتىنىڭ بىرى. درونودا نارادجاخاننىڭ ئوغلى، ساكيامونىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى. 25 يېشىدا راھىب بولۇپ، بۇدساتۋا (ساكيامونى) نى 25 يىل كۈتۈپ، بارلىق بۇددا ئەقىدىسىنى ئىگىلىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شاگىرتلار ئىچىدە ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇددا ئەقىدلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان. ساكيامونى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، راجارىخا شەھىرىدە تۇنجى قېتىم بۇددا ئەقىدىلىرىنى توپلام قىلىش مۇراسىمى ئېچىلغاندا، بۇددا ئەقىدىلىرىنى ئوقۇپ بەرگەن، كېيىن ئۇنى بۇددا تومى قىلىپ تۈزۈپ چىققان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
موڭغۇل پادىشاھ، قۇبلايخاننىڭ نەۋرىسى. غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى پادىشاھ مانگىلارنىڭ ئوغلى. 1295 - يىلىدىن 1307 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرۇپ، شىئەندە تۇردى. شەنشى، گەنسۇ، نىڭشا ۋە سىچۈەننىڭ بىر قىسىم يېرى ئۇنىڭغا تەۋە بولدى. كىچىكىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئائىلىدە بېقىلدى. غازان خانغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىردى. قوشۇنىدىكى 150 مىڭ ئادەمنىڭ تەڭدىن تولىسىمۇ ئىسلام دىنىغا كىردى. ئۇ <قۇرئان كەرىم> نى يادلاپ چىقتى. ئەرەبچە خەتنى چىرايلىق يېزىشنى ئۆگەندى. ۋاقىتنى ھەمىشە پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا ۋە دۇئا - تىلاۋەتكە سەرپ قىلدى.