Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامنىئونسىز ھايۋانلار
Domain: بىئولوگىيە无羊膜动物
wúyángmódòngwù
ئامنىئونلۇق ھايۋانلارغا قارىتا ئېلىنغان نىسپىي ئاتالغۇ، ئۇ تۆرەلمىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ئامنىئون پەردىسى ھاسىل قىلمايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. يۇمىلاق ئېغىزلىقلار، بېلىقلار ۋە قوش ماكانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامنىئونسىز ھايۋانلارغا كىرىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلار سۇغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆمۈر بويى سۇدا ياشايدۇ، ياكى تۇخۇم ۋە يۇمران تەن باسقۇچىدا سۇدىن ئايرىلالمايدۇ. تۇخۇم سىرتىنى ئوراپ تۇرىدىغان قاتتىق شاكىلى بولمايدۇ، تۆرەلمە تۇخۇم پەردىسىنى يىرتىپ چىققاندىن كېيىن، داۋاملىق سۇ ئىچىدە يېتىلىدۇ، يېتىلگەن تەنچىنىڭ تېرىسى شىلىمشىق بولۇپ، سۇدا ياشاشقا ماسلاشقان، بويۇن قىسمى يوق، ياكى بار بولسىمۇ تەرەققىي قىلمىغان. كۆكرەك قەپىزى يوق، بىر يۈرەك قېرىنچىسى بولىدۇ، ئوتتۇرا بۆرىكى ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ. مېڭىسى تەرەققىي قىلمىغان. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە نىسبەتەن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.