Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئامنىئون پەردە
بىئولوگىيە
羊膜
yángmó
<باش سۈيى پەردىسى> ياكى <باش سۈيى قېپى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەر باغىرلىغۇچىلاردىن يۇقىرى، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلاردا بولىدىغان بىرخىل تۆرەلمە قېپى (يەنى تۆرەلمە سىرتقى پەردىسى) بولۇپ، تۆرەلمە ياكى ھامىلىنىڭ خالتىسىمان تۈزۈلۈشىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت پەردىدىن ئىبارەت. بۇ خالتا سۇيۇقلۇققا يەنى باش سۈيىگە تولغان بولۇپ، تۆرەلمە ياكى ھامىلىنى يېتىلىشكە باب كېلىدىغان بىر سۇيۇقلۇق مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە تەۋرىنىشتىن ساقلاش ۋە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئامنىئون پەردىسى ھامىلىنى ئوراپ تۇرغان پەردىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت پەردە بولۇپ، سىرتىدا تىۋىتلىق پەردىسى بولىدۇ (يەر باغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ شىرنىلىك پەردىسى). قويلارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئامنىئون پەردىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان. ئىشلىتىشكە توخۇ تۆرەلمىسىنىڭ ئامنىئون پەردىسىنى ۋىروسلارنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىدىن چۈشكەن ھۈجەيرىلەر باش سۈيىدە سۇسپېنزىيە ھالىتىدە لەيلەپ يۈرگەچكە، ئامنىئون پەردىسىنى تېشىپ چىقىرىۋېلىنغان ھۈجەيرىلەر ئارقىلىق توقۇلما ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خروموسوما ئانالىزى ۋە بىئوخىمىيە ئانالىزى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى نۇقسانلىرىغا دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.