UyghurMain Dictionary
ئالتۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى Aurum( Au ) , قىزغۇچ سېرىق، پۇل ۋە قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان قىممەت باھالىق مېتال.
«ئالتۇن» ئەڭ ئومۇمىي. «زەر» ، «تىللا» ، ماقال - تەمسىل، تۇراقلىق بىرىكمىلەردە ئۇچرايدۇ. بۇلارنى بىر - بىرىگە ئالماشتۇرغىلى
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ %64 ناھىيە - شەھەرلىرىدە ئالتۇن كانى بار ئىكەن. ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يەردە قالماس. ئالتۇن بىلەن بېزىسەڭمۇ ئېشەك يەنىلا ئېشەك. ئاۋۋال بىلىۋېلىپ، كېيىن سۆزلىگىن، زەرنى تېپىپ ئاندىن خەجلەشنى بىلگىن. زەر قەدىرىنى زەگەر بىلىدۇ. تىللا، كۈمۈش چىقىسىمۇ تاشتىن ھەرقاچان، ھەر تاشتا ئالتۇن بولۇشى گۇمان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالتۇن.
1 - 162
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئالتۇن؛ ② زۆھرە ۇيۇلتۇزنىڭ ئىسمى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خىمىيە
ئى .مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى Au (Aurum). رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، سۇزۇلۇشچان، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، پۇل ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان قىممەت باھالىق، ئەتىۋار مېتال؛ زەر.
سۈپ. كۆچمە. قىممەتلىك، بىباھا، گۈللەنگەن، تەڭدىشى يوق.
ئالتۇن دەۋر. ئالتۇن پەسىل.
سۈپ. كۆچمە. ئالتۇنغا ئوخشاش سارغۇچ قىزىل.
ئەتىياز قۇياشى ئالتۇن نۇرلىرى بىلەن قارلىق دالىلارنى نۇرلاندۇرۇشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئالتۇن؛ زۆھرە يۇلتۇزنىڭ نامى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
دات باسمايدىغان قىممەتلىك مېتال. قىزلارغا چوڭ بولغاندا قىممەتلىك بولسۇن دېگەن ئالىي تىلەك بىلەن قويۇلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئالتۇن، ئالتۇندەك قىممەتلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئالتۇندەك قىممەتلىك، ئېسىل نەسىللىك، يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ كىشى. باشقا شەكىللىرى: ئالتۇنباي، ئالتۇنبەگ، ئالتۇنجان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
مەدەن ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنتنى ئالتۇنغا ئوخشىتىش مەنىسى ئەكىس ئەتكەن)