UyghurMain Dictionary
ئالتە قۇل توغرىسىدىكى ھۆكۈم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دەسلەپكى چاغلاردىكى ئىسلام شەرىئىتىدە تالاش - تارتىش بولغان مۇھىم ھۆكۈم مىساللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <ئەل مۇۋەتتەئ> گە قارىغاندا، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كىشى ۋاپات بولۇشىتىن ئىلگىرى ئالتە قۇلىنى ئازاد قىلىۋەتمەكچى بوپتۇ. مەدىنە ۋالىسى ئابەن بىننى ئوسمان مۈلۈكنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ۋەسىيە قالدۇرۇپ ئىئانە قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پال سېلىش نەتىجىسىدە پالغا چىققان ئىككى قۇلنى ئازاد قىلىشنى تەستىقلىغان. كېيىن ئىمام شافىئىي <رىسالە> دە مۇشۇ مىسالنى ئاساس قىلغان ھەمدە شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىراسخورنىڭ ۋەسىيە قالدۇرۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كونا ۋەسىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى <قۇرئان كەرىم> دە بەلگىلەنگەن مۇقىم نىسبەتتە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئالغانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئابەن بىننى ئوسماننىڭ ھۆكۈمى ئىناۋەتسىز دەپ قارالدى. چۈنكى ئادەمنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى (قۇلنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى) ۋەسىيىتى شەرىئەتتە مىراسنى تەقسىم قىلىش توغرىسىدىكى ۋەسىيىتى دەپ قارىلىدۇ. قۇللار قۇلدارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئادەملەر سۈپىتىدە ۋەسىيەت شەكلىدە مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.