Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاككرا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿克拉
ā kè lā
غەربىي ئافرىقىدىكى گۋېنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان گانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. ئاككرا رايونىغا 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. ئارقىدىنلا دانىيە، گوللاندىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەنگلىيىلىكلەر قورال كۈچى بىلەن پورتۇگالىيە، دانىيە، گوللاندىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ بۇ جايلارنى ئىگىلىۋالغان. 1874 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك باش شتابىنى ئاككراغا يۆتكەپ كەلگەن. 1898 - يىلى بىرىنچى قېتىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. 1909 - يىلى شەھەردە تۆمۈريوللار قۇرۇلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1931 - يىلى شەھەر ئاھالىسى 70 مىڭغا، 1960 - يىلى 380 مىڭغا، 1970 - يىلى 738 مىڭغا يەتكەن. ھازىرقى ئاھالىسى 1 مىليوندىن ئوشۇق (1981) بولۇپ، غەربىي ئافرىقا بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاككرا گانانىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا پولات - تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، سېمونت، ياغاچچىلىق، مېتال ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، كاكائو پىششىقلاپ ئىشلەش، كاۋچۇك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. شەھەرنىڭ يېنىدىكى تېما ئەڭ چوڭ سىرتقى پورتى بولۇپ، نۇرغۇن ماللار شۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇ جايدا نېفىت ئايرىش، ئاليۇمىن تاۋلاش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
Domain: ئۇنىۋېرسال阿克拉
ā kè lā
GetWord Corpus
9阿克拉
阿克拉【地名】
ā kè lā9阿克拉
阿克拉【世界各国】
ā kè lā
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.