Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاككادلار
دۇنيا تارىخى
阿卡得人
ā kǎ dé rén
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدا (ھازىرقى ئىراق زېمىنىدا) ياشىغان قەدىمكى ئاھالە. سەمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن تەخمىنەن 3000 يىل ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدە سۈرىيە دالاسىدىن مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا كىرگەن. ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى: بويى ئېگىز، يۈزى ئۇزۇن، قاڭشارلىق، چاچلىرى ئۇزۇن، ساقاللىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە (سۇمېرلىقلارغا پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ). مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅣⅩⅩ ئەسىردە پادىشاھ سارگون Ⅰ جەنۇبقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، سۇمېر شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاككاد شەھىرىنى مەركەز قىلىپ ئاككاد پادىشاھلىقىنى قۇرغان. پادىشاھلىق مىلادىدىن 2230 يىل ئىلگىرى شەرقىي شىمالىي تاغلىق رايوندىكى كۇرتلار تەرىپىدىن يوقىتىلىپ. ئاككادلار بىلەن سۇمېرلىقلار پەيدىنپەي قوشۇلۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە سۇمېرلىقلارنىڭ تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان. ئاككادلارنىڭ تىلى شەرقىي شىمالىي سېمىت تىلىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىشلەتكەن مىخ يېزىقمۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تارىخ,ئۇنىۋېرسال
阿卡德人
ā kǎ dé rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
阿卡德人
ā kǎ dé rén
ئاككادلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملارنىڭ بىر تارمىقى. ئاككادلار ئاساسەن تىگىر (دەجلە) ۋە فرات دەرياسى ۋادىلىرى (ھازىرقى ئىراق) نى ئۆزىگە ماكان قىلغان. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللاردا سۈرىيە يايلىقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. پادىشاھ سارگۇن Ⅰ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 2369 - 2314) ئەتراپىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاككاد پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. پادىشاھ نادام - سېن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 2290 - 2254) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە زېمىنى كېڭىيىپ، شىمالدا ئەرمىنىيە، شەرقتە زاگروس تاغلىرى، غەربتە ئەرەبىستانغىچە يېتىپ بارغان. بۇ پادىشاھلىقنى 2200 - يىلى زاگروس تاغلىرى ئەتراپىدىن كەلگەن گوتېلار ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.
ئاككادلار سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاككاد تىلىنىڭ ئاسسۇر ۋە بابىلۇن دىئالېكتىنى قوللانغان. شۇڭا بۇ تىل ئادەتتە ئاسسۇر - بابىلۇن تىلى دېيىلىدۇ. بۇ تىل مىلادىدىن بۇرۇنقى 30 - ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى دەريا ۋادىسىدا قوللىنىلغان شىنا شەكىللىك ئەڭ قەدىمكى يېزىق تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.