UyghurMain Dictionary
ئايرىلىش
بىئولوگىيە
مېندىل كۆپ پۇرچاق (باقىلە) ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىرسىيەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئوخشاش مەنبەلىك بىر جۈپ خروموسومىدىكى بىر جۈپ تەڭ ئورۇنلۇق گېن، سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشتە ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملارنىڭ ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر قايسىسى بىردىن گامېتىغا ئۆتىدۇ، يەنى گامېتىدا بىر جۈپ تەڭ ئورۇنلۇق گېننىڭ پەقەت بىر دانىسىلا بولىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلارنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەۋلادىدىكى جۈپ تۈزگەن تەڭ ئورۇنلۇق گېنلارنىڭ بىرى ئانىلىق گامېتا بىلەن، يەنە بىرى ئاتىلىق بىلەن كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يولنىڭ تارماقلارغا بۆلۈنگەن جايى.
ئۇلار ئايرىلىشقا كەلگەندە بىر - بىرى بىلەن خوشلاشتى.