UyghurMain Dictionary
ئايلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال قېرىنداش؛ ئومۇمەن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش. «ئېگىچە» خىتاب قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.
«ئېگىچە» لوپنۇر دىئاللېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
_ ئاچام ئاچتىن ئۆلگەن، _ دېدى ئايىمخان. ئېگىچە - سىڭىللار ئىناق ئۆتكەي. توختىخان ھەدە ئوڭلۇق ئايال. ھەدەم نەدە، مەن شۇ يەردە. ئايلام بىلدى دېگۈچە، ئالەم بىلدى دېسەڭچۇ. پاتىمە ئاپپاي ھۆرمەتلىك ئايال.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ئاچا، ھەدە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆزىدىن چوڭ ئايال بىر تۇغقىنى، ئاچا؛ ھەدە.
ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۈرمەتلەپ ئاتاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
زەينەپ: - ئايلا! بولدى قىلىڭ، - دېگىنىچە سانىيەنىڭ قۇچىقىغا ئېتىلدى.
تارس. ۋاڭ جەمەتىدىن بولمىغان ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ ھۈرمەت نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئاچا، ھەدە؛ ئاچا ئورنىدىكى، شۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئايلىخان
ئاچا، ھەدە