UyghurMain Dictionary
ئاياق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قەدەھ، قاچا، كاسا، جام.
ئاياغ، پۇت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<ئاياغ>نىڭ مەنىسىگە ئوخشاش. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: تۇتار ئېردى ساقى دەمادەم ئاياق، بولۇپ مەست ھېچكىم ئەمەس ئاندا ساق. (ئا. نىزارى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان ئىدىش، قاچا.
ئايدا كەلگەنگە ئاياق، كۈندە كەلگەنگە تاياق. تۆگىنى چۆچەكتە سۇغىرىپتۇ. بىر كاسا ئاش، بىر قاپاق شۇ _ كۆرگۈنۈم شۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كىچىك قاچا، چىنە.
«قەدەھ كۆتۈرمەك» رەسمىي سورونلاردا، «رومكا سوقۇشتۇرماق» ئاددىي ئولتۇرۇشلاردا دېيىلىدۇ.
«باكال» پىۋا ئىچىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراقكەشنىڭ بايلىقى - قەدەھ. قەدەھتە ئۆلگەن دېڭىزدا ئۆلگەندىن جىق. ھەي ئىنسان، قولۇڭدا پەۋەس تولغان جام، ۋەسۋەسىدىن تىنماس دىل، بىسەرەمجان. مەست قولىغا چۈشسە پىيالە، ئەسىلا ئۇنى سۇندۇشنى كۆرمەيدۇ راۋا. كىشىلەر « سالاپەتلىك ئۈچۈن» دەپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىدۇ. پىۋا ئىچتۇق باكالدا، خار بولمايلى ئۆز ماكاندا.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ياغاچ چۆچەك. مەسىلەن: ئايدا كەلگەنگە ئاياق، كۈندە كەلگەنگە تاياق (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاياق، قاچا.
ئوغۇزلار بۇنى بىلمەيدۇ: ئۇلار مۇنداق نەرسىنى «چاناق» دەيدۇ.
1 - 114
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاياق.،پۇت.
«ئازاق» دېيىلىدۇ.
1 - 114
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قېتىم؛ ۋاقىت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان، تەخسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ قاچا.
ئۇنىڭ قولىدا دەز كەتكەن بىر قاپاق، يېرىقلىرى چەمبەرلەنگەن قوپال ئاياق ۋە باشقا ئەسكى - تۈسكىلەر بار ئىدى.
تارىختا جام، پىيالە، قەدەھ قاتارلىقلارمۇ بۇ نام بىلەن ئاتالغان.
مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ئاياقلارغا سۈت ھارىقىنى تولدۇرۇپ قۇيۇپ بىر دەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ.