UyghurMain Dictionary
ئايال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار ئىككى جىنىسنىڭ بىرى، بەدىنىدە ئانىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرەلەيدىغىنى.
ئەقىللىق، تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال، قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوق مىسال. دىل ئارامى ياخشى بولسا گەر خوتۇن، يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ھەممىلا قىز ياخشى بولسا، يامان خوتۇن نەدىن كەلدى؟ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇش ئەرنىڭ ئىشى ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خوتۇن - قىزلارنىڭ ئومۇمىي نامى، خوتۇن كىشى.
ئاياللار بايرىمى، ئاياللار بۆلۈمى. ئاياللار كېسىلى.
ئېرى بار خوتۇن، رەپىقە (ئۆز ئېرىگە نىسبەتەن).
- ھەي مەخلۇق، قانداق يۈزۈڭ بىلەن مېنىڭ ئېرىم ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتىسەن، - دەپتۇ كەمەك ھەييارنىڭ ئايالى.