UyghurMain Dictionary
ئافېنا
مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى
ئافېنا قەدىمىي يۇناندىكى بىر مۇھىم شەھەر دۆلىتى، ئىلگىرى پادىشاھلىق تۈزۈم، ئاقسۆڭەكلەرچە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى قاتارلىق ھۆكۈمرانلىق شەكىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئافېنادا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4 - ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلارغا كەلگەندىلا ئاندىن دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمە تىكلەنگەن، بۇ خىل تۈزۈلمە پېرىكل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە ئەڭ گۈللەنگەن.
ئافېنادا يولغا قويۇلغان بىۋاسىتە دېموكراتىيە تۈزۈمى دېگەندە، بارلىق پۇقرالار سىياسىيغا بىۋاسىتە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئافېنا دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمىسى ئاۋام كېڭىشى،500 كىشىلىك كېڭەش، زاسېداتىللار قاتناشقان سوت ۋە10 سەركەردە كومىتېتى قاتارلىق بىر قاتار ئورگاندىن تەشكىل تاپقان.
پۇقرالار كېڭىشى ئافېنا دۆلىتىدىكى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، كېڭەش ئەزالىرى20 ياشقا توشقان بارلىق پۇقرالار ئىدى. پۇقرالار كېڭىشىنىڭ ئۈستىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەمەلىي ھوقۇقلۇق ئورگان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى پۇقرالار كېڭىشىگە مەنسۇپ ئىدى، پۇقرالار كېڭىشى ئادەتتە ھەر توققۇز كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم، بىر يىلدا تەخمىنەن40 قېتىم چاقىرىلاتتى. پۇقرالار كېڭىشى كېڭەش قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ رايىغا بېقىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىراتتى. شەرتنامە تۈزۈش، ئۇرۇش قىلىش ياكى تىنچلىقنى بەلگىلەش، ئەمەلدارلارنى سايلاش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قانۇن تۇرغۇزۇش، پەرمان چۈشۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق زور مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە پۇقرالار كېڭىشى قارار چىقىرىشى كېرەك ئىدى.500
كىشىلىك يىغىن پۇقرالار كېڭىشى يېپىق مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دائىمىي ئورگان ئىدى. ئۇنىڭ ئەزالىرى30 ياشقا توشقان بارلىق پۇقرا ئارىسىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلاتتى. يىغىن ئەزالىرى ھەر يىلى قايتىدىن سايلىناتتى، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، زور كۆپ سانلىق پۇقرالار ئۆمرىدە500 كىشىلىك يىغىنغا ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى.500 كىشىلىك يىغىن يەنە ئەمەلدارلارنى سايلاشقا مەسئۇل بولۇپ، پۇقرالار كېڭىشىگە لايىھە تەييارلاپ، كۈندىلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇراتتى.
زاسېداتىللار قاتناشقان سوت ئافېنانىڭ ئالىي سوتى بولۇپ، ئەرزىيەت دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئەمەلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشقۇراتتى ۋە بېلەت تاشلاپ دۆلەت قانۇنىنى بىكار قىلىش ۋە تىكلەشنى قارار قىلاتتى. بۇ سوتنىڭ سودىيىسى زاسېداتىل دەپ ئاتىلاتتى، زاسېداتىللار30 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئىچىدىن چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سايلىناتتى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايتتى، جەمئىي6000 نەپەر كىشى زاسېداتىللىققا سايلىناتتى.
ئافېنانىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى10 سەركەردە بولۇپ، »10 سەركەردە كومىتېتى« دەپ ئاتىلاتتى. ئافېنادا سەركەردە ۋە ئاركوندىن ئىبارەت ئىككى ئەمەلدارلا پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلاپ سايلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلەتتى، باشقا ئەمەللەر بىردەك چەك تارتىش ئارقىلىق قارار قىلىناتتى. چۈنكى سەركەردە جەڭگە قوماندانلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئىقتىدارلىق بولۇشى لازىم ئىدى. ئاركوننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قايتۇرۇشقا مەلۇم ساندا ئائىلە مۈلكى بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئافېنانىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىدە بارلىق پۇقرالار دۆلەتنى بىۋاسىتە ئىدارە قىلاتتى، بىراق ئافېنا پۇقرالىرى بارلىق ئافېنا ئاھالىلىرىنى كۆرسەتمەيتتى، قۇللار، ئازاد قىلىنغان قۇللار ۋە باشقا شەھەر پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى. دەسلەپتە، پۇقرالارغا مال - مۈلۈك سالاھىيىتى چەكلىمىسى بار ئىدى. پۇقرالار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇقرالار كېڭىشى،500 كىشىلىك يىغىن، زاسېداتىللار سوتى ۋە چەك تارتىش ئارقىلىق سەركەردە، ئاركوندىن باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى سايلايدىغان بۇ خىل دېموكراتىك تۈزۈم بارلىق پۇقرالارنىڭ دۆلەتنى بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. شۇڭلاشقا، دېموكراتىك تۈزۈم يۈرگۈزۈلگەن ئافېنادا بارلىق پۇقرالار دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى ئىدى.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناندىكى ئاساسىي شەھەر دۆلىتى. ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى ئاتتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ مەركىزى. غەربىي قىرغىقىدىكى پىدائېئوس پورتى تەبىئىي ياخشى پورت بولۇپ، ئۇنى ئافېنا بىلەن <ئۇزۇن سېپىل> تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. دەسلەپكى ئاھالىسى غەيرىي يۇنان تىلىدىكى پلاسكىلار بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالدىن بىر تۈركۈم ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ يۇنان تىلى تۈركۈمىگە كىرىدىغان ئىئونىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا يەرلىك ئاھالە بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ميىسېنېلارنىڭ تەسىر كۈچى ئاستىدا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅷ ئەسىر (ياكى تېخىمۇ بالدۇر) دە، تېسۇس پادىشاھ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئاھالىنى ئۈچ تەبىقە (ئاق سۆڭەكلەر، دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر) گە ئايرىغان ھەمدە ئافېنانى مەركەز قىلىپ، ئاتتىكانىڭ بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرغان. مىلادىدىن 683 يىل ئىلگىرى <پادىشاھلىق ھاكىمىيەت> ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى يىلى ئارخون ( ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئەمەلدار) سايلاپ چىقىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە باي - كەمبەغەللىك تېز بۆلۈنۈپ، سىنىپىي زىددىيەت چوڭقۇرلاشقان. مىلادىدىن 594 يىل ئىلگىرى سولون ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قەرزدارلارنى قۇل قىلىشنى بىكار قىلىپ، پۇقرالار يىغىنىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك سىياسىيغا ئاساس سالغان. پىستراتوس مىلادىدىن 560 يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەت ئىگىلەپ، ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۈچىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرى كلېئىستېنېس سايلام تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئاخىر بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان؛ مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى دېلوس ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئېگېي دېڭىزى رايونىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. پېرىكلېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 444 - 942)، پۇقرالار يىغىنى، 500 يۈز كىشىلىك يىغىن ۋە زاسېداتېللار سودىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئافېنا قۇلدارلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرگەن. قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت - سەنئتىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سپارتا بىلەن يۇنانغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ (پېلوپوننېسۇس ئۇرۇشى) مەغلۇپ بولغان، دېلوس ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سپارتا ۋە تېبېس قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملىق ئېلىشقان؛ دېڭىزدىكى ئىتتىپاقنى قايتىدىن قۇرغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا قالماي يەنە پارچىلىنىپ كەتكەن. يەنە ماكېدونىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغان؛ كادونېيە جېڭىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 383) مەغلۇپ بولۇپ، ماكېدونىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. رىم بىلەن مىترىدات Ⅵ (پونتوس شاھى) ئۇرۇشقان مەزگىلدە، مىلادىدىن 86 يىل ئىلگىرى ئافېنا رىم قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئافېنا تېخىمۇ خارابلاشقان. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى ئافېنادىن نۇرغۇن قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرىنى توشۇپ كېتىپ، كونستانتىنوپولدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا تىزىۋالغان. قەدىمكى زاماندىكى ئافېنا تىپىك قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت (شەھەر دۆلىتى) دەپ تونۇلۇپ، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى پەقەت ئەينى زاماندىكى يۇنان دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى رىم ۋە كېيىنكى زاماندىكى ياۋروپاغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. <يۇنان مەدەنىيىتى (قەدىمقى زامان)> غا قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى دانالىق مەبۇدىسى، ئافېنا شەھىرىنىڭ ھامىيسى ۋە مەبۇدىسى. رىم ئەپسانلىرىدە مىنېرۋا دەپ ئاتىلىدۇ. زىۋىس پاراسەت مەبۇدىسى مېتسنىڭ قىزى. ئېيتىلىشىچە، زىۋىس ئايالى مېتىسنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان (زىۋىسنىڭ ئۆزى دادىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇۋەتكەنىدى) بالا تۇغۇشىدىن قورقۇپ، ھامىلدار مېتىسنى ئىچىگە يۇتۇۋالغان، كېيىن بېشىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئاغرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ھۈنەرۋەنچىلىك تەڭرىسى (ئوت ئىلاھى) گە مىس پالتا بىلەن بېشىنى يېرىشنى بۇيرۇغان، پۈتۈن ئۈستبېشىغا ساۋۇت كىيگەن ئافېنا چۇقان سالغان پېتى ئۇنىڭ بېشىدىن سەكرەپ چۈشكەن. ئافېنا كۈچ - قۇۋۋەت ۋە دانالىقنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان. ئۇ يەنە پاللاس دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەسلى ئۇنىڭ بىر قىز دوستىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىشتە ئۇنى بايقىماي يارىدار قىلىپ قويۇپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، كېيىن ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىسمىنى ئۆزىگە قويۇۋالغان. ئافېنا يۇنانلىقلارغا توقۇمىچىلىق، مېتال ئېرىتىش، كېمە ياساش، ساپال قاچىلارنى ياساش، نەققاشلىق قاتارلىق نۇرغۇن ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپ، يۇنانلىقلارنىڭ چوڭقۇر ئېتىقاد قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، مەسىلەن: يۇنانلىقلار تروياغا ئاتلانغاندا، ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ دېڭىز خۇداسى پوسېيدون بىلەن ئافېنا شەھىرىنى تالىشىپ، مول ھوسۇل بىلەن تىنچلىققا سىمۋول قىلىنغان بىر تۈپ زەيتۇن دەرىخىنى ياساپ چىقالىغانلىقتىن غەلىبە قىلغان؛ ئافېنالىقلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوقۇنۇپ، ئۆز شەھىرىنىڭ نامىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان، قەدىمكى ئافىنا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە ئۇنىڭ غايەت زور ھەيكىلى ئورنىتىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە ياسالغان پارتېنون ئىبادەتخانىسى ئافېناغا نەزىر - چىراغ قىلىنىدىغان ئاتاقلىق ئىبادەتخانا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى فېيدىياس تەرىپىدىن ئالتۇن ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان جەڭگىۋار ئافېنا ھەيكىلى قەدىمكى يۇنان سەنئىتىنىڭ نادىر ئەسىرى دەپ قارىلىدۇ.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گرېتسىيىنىڭ پايتەختى، ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ قىسمىدىكى ئەڭ جەنۇبىي قىسمىغا، گرېتسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ (پرېپىسى شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) 3 مىليون 16 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى ھاك تاشلىق تاغلار بىلەن قورشالغان. ئۇقەدىمىي گرېك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەنگەن مەنبەلىرىنىڭ بىرى. ئاتاقلىق تارىخى شەھەر. ئافېنا قەدىمدىنلا مەشھۇر قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شەھەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا شەھەرنىڭ نامى ئايال ئەۋلىيا ئافېنا نامىغا بېرىلگەنىكەن. ئافېنا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 447 - يىلى سېلىنغان ئايال ئەۋلىيا ئافېنانىڭ قەبرىسى بار. ئافېنا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردىلا سەنئەت، رەسامچىلىق، تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە مېتال ئېرىتىش، كېمىچىلىق، قورال ياساش، فارفور، قۇرۇلۇش بىناكارلىق قاتارلىق سانائەتلەر خېلى تەرەققىي قىلغان. قەدىمىي شەھەر ئەڭ دەسلەپ ئاكروپولس تېغىدا قۇرۇلغان، كېيىن تەدرىجىي كېڭەيگەن. ھازىر ئۇ گرېتسىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرى قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %45 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ئافېنا شەھىرىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىگىلەيدۇ. شەھەرنىڭ كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە، تاماكا، فار فور قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن دۆلەتتىكى زاۋۇت - فابرىكىلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى دېگۈدەك ئافېنا شەھىرىگە مەركەزلەشكەن. ئافېنا گرېتسىيىنىڭ ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا ئېسخىت سونكلىسى، يېۋرىپىت، ئاىستوفىن، گرىدوت، فوكىدىت، فىدىياس، سوقرات، پلاتون، ئارستوتىل قاتارلىق يازغۇچىلار، تارىخچىلار، ھەيكەلتىراشلار، پەيلاسوپلار ياشىغان. ئافىنادا ئەڭ قەدىمىي گرېك، رىم ۋە ۋېزانتىيە دەۋرلىرىدە قۇرۇلغان خارابىلار (ئافىنا قەبرىستانلىقى، قەدىمىي شەھەر)، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، كىچىك شەھەرلەر، مۇزېيى، دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، 1837 - يىلى قۇرۇلغان ئافېنا داشۆسى، رەسسام، تىياتىر، مۇزىكا قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، نۇرغۇنلىغان پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. ئافېنا گرېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ يېنىدىكى پىرىئېس شەھىرى ئافېنانىڭ ئاتاقلىق سىرتقى پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئافېنا شەھىرىدە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر قانچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار بار. ئافېنا شەھىرى ھاۋا ئارقىلىق دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىدۇ. شەھەر ئىچىنىڭ قاتناش ترانسپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئافېنا شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1925 - يىلى ياسالغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 25.7 كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇ يەر ئۈستىدىكى قاتناش جىددىيلىكىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.