UyghurMain Dictionary
ئاچى سۇلتانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئاچى پادىشاھلىقى> مۇ دېيىلىدۇ. ھىندونېزىيىدىكى سۇماتېرانىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى ئىسلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق سۇماتېرانىڭ شىمالىي قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، پورتوگالىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈردى. سۇلتان ئىسكەندەر مودا (1607 - يىلىدىن 1636 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە دۆلەت گۈللەندى. ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ۋە تەسەۋۋۇپچىلارنى جەلىپ قىلدى، بۇ سۇلتانلىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىشغال قىلىۋالغان مالاككاغا نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلدى. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسىم رايونىنى قولغا ئېلىپ، خۇشپۇراق ماتېرىياللار سودىسىنى كونترول قىلدى. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن سۇلالە ئاجىزلاشتى. كېيىن پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن تىنماي توقۇنۇشۇپ تۇردى. 1873 - يىلىدىن 1913 - يىلىغىچە داۋام قىلغان ئاچى ئۇرۇشىدىن كېيىن گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالدى.