UyghurMain Dictionary
ئاچى دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى ئىسلام دىنىدىكى فېئودال پادىشاھلىق. ⅥⅩ ئەسىردە سۇماترا ئارىلىنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. سۇلتان ئىسكەندەر مۇدا تەختتىكى مەزگىلدە (1617 - 1636) دۆلەت تازا گۈللەنگەن. پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىگىلىۋالغان مالاككاغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. شىمالىي سۇماترادىن باشقا، مالاي يېرىم ئارىلىدىكى بەزى جايلارغىمۇ ئىگە بولغان. پۇراقلىق ماتېرىياللار سودىسىنى كونترول قىلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىن كېيىن ئاجىزلاپ كەتكەن. 1873-يىلى گوللاندىيىلىكلەر ئاچې ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1913-يىلى، ئاچى ئۇرۇشىدىن كېيىىن گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.