UyghurMain Dictionary
ئاچ نېمىنى يېمەيدۇ توق نېمىنى دېمەيدۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«ئاچ نېمىنى يېمەيدۇ، توق نېمىنى دېمەيدۇ» بۇ، يوقسۇزلۇقتا قالغان كىشى تاماق تاللىماي، يېگىلى بولىدىغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يەۋېرىدۇ؛ تۇرمۇشى ياخشى، توققۇزى تەل كىشىلەر باياشات، خاتىرجەملىكتىن باشقىلارنىڭ ئەيىب، قۇرسۇرىنى كوچىلاپ، ياخشى - يامانلىرى توغرىسىدا سۆز - چۆچەك قىلىشىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلىدۈرىدۇ.