UyghurMain Dictionary
ئاچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . تويماس، ئاچكۆز، ئاچپاقا.
ئاچ بەچچىغەردىن قاچ بەچچىغەر (ماقال). * ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس (ماقال). * يەرنىڭ كۆزى ئاچ.
2 . ئىسىملاشقان پېئىل. ئاچ قالغان، قورسىقى ئاچ كىشى. ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس (ماقال). * ئاچ نېمىنى يېمەيدۇ، توق نېمىنى دېمەيدۇ (ماقال). * ئاچ توق بىلەن ئوينىماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . سۇس. ئانتونىمى: قېنىق، توق ئەمەس.
ئاچ سېرىق، ئاچ قىزىل، ئاچكۆك.
2 . كەمتۈك. ئانتونىمى: توق، تولۇق. ئاچ دان. * ئاچ قاپىيە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قورساقتا يېمەكلىك بولمىغان، قورساق تويمىغان ھالەت. ئانتونىمى: توق.
ئاچ قورساق. * ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقى ئاچ قالماس (ماقال). * ئاچ قورساققا ئاچچىقسۇ (مەتەل).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاچماق، ئېچىش. قورساق ئاچماق. ئانتونىمى: تويماق.
قورساقنىڭ ئاچقىنى _ ئەقىلنىڭ قاچقىنى (ماقال). * ئىش ئىشتىھانى ئاچىدۇ (ماقال). * بىر ئاچقانغا گەپ قىلما، بىر ھارغانغا (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاچماق، ئېچىش. ئانتونىمى: ياپماق، ئەتمەك. ئېتىك، قاتلاق، پۈتۈك، پۈتەي، تۇتۇق، كۆمۈك، تۇرغۇن، توم، يوشۇرۇن، توختام ... ھالەتنى ئوچۇق، ئاشكارا، ياپىلاق، راۋان ھالەتكە كەلتۈرمەك.
يول ئاچماق، مەكتەپ ئاچماق، مەجلىس ئاچماق، يەر ئاچماق، قۇچاق ئاچماق، كۆڭۈل ئاچماق، ئىشتىھانى ئاچماق، ئىشىكنى ئاچماق، بايلىقلارنى ئاچماق، رادىئونى ئاچماق، يۈزىنى ئاچماق، كۆزىنى ئاچماق. * ئىشىكنى ئاچ، تىنجىقتىن قاچ (ماقال). * ئاچسام ئالقىنىمدا، يۇمسام سىقىمىمدا (ماقال). * ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچنى ئاچ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئاچماق، ئېچىش. ياراشماق، كۆرۈنەرلىك بولماق.
قارا كاستۇمغا ئاق گالىستۈك ئاچىدۇ. * بۇ رەڭ رەسىمنى تازا ئېچىپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېمەكلىك يېمىگەن، قورساقتا يېگەن نەرسە قالمىغان ئەھۋال.
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس. ئاچ ئېيىق ئوينىماس. ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا. ئاچ قورساققا ئاچچىقسۇ. ئاچ نېمىنى يېگۈزمەيدۇ، ئاچچىق نېمىنى دېگۈزمەيدۇ. ئاچ - زار ياشىغۇچە ئامال قىل. ئاچ - زېرىن يۈرگەندىن ئىشلەپ يۈرۈپ ئۆل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېنىق ئەمەس (رەڭ - بوياق ئۈستىدە).
سۇس سېرىق كۆڭلەك كىيگەن قىز كېلىپ كەتتى. ئاچ قىزىل چىرايلىق رەڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېگەن - ئىچكەنگە قانائەت قىلمايدىغان، يېمەك - ئىچمەككە قاتتىق بېرىلگەن. ئاچ ئادەم
توق ، كۆزى توق
يېگەن - ئىچكەنگە قانائەت قىلىدىغان، يېمەك - ئىچمەكككە ئانچە بېرىلمەيدىغان. توق ئادەم
ئاچ بار ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس. ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. بىرى ئاچپاقا بولغىنىدىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچ قالغانلىقتىن. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئايدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ. كۆزى توقنىڭ كۆڭلى توق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
رەڭلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇلارنىڭ رەڭگىنىڭ قويۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سۇس قىزىل، ئاچ يېشىل، سۇس سېرىق
قېنىق، توق
رەڭلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇلارنىڭ رەڭگىنىڭ قويۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. قېنىق قىزىل، توق يېشىل، توق سېرىق
توق قىزىل قىزىقتۇرىدۇ. سۇس سېرىق كىيىم بازاردا ياخشى، ئاچ يېشىل كۈزدە. قېنىق رەڭ قېيىن ئانامغا ياقىدۇ. سۇس رەڭ ئاسان ئۆچىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
«ھاي، ھەي، ھوي» مەنىلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈندەش ئاچ بېرۇ كىل _ ھوي، بېرى كەل.
1 - 49
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاچ.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئاچ نە يېمەس توق نە تېمەس _ ئاچ نېمە يېمەس، توق نېمە دېمەس. ئاچ ئالدىغا كەلگەننى يەۋېرىدۇ. توق ئاغزىغا كەلگەننى دەۋېرىدۇ.
1 108
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئاچماق؛ ② بويسۇندۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قورسىقىدا يېگەن نەرسىسى قالمىغان، تاماق يېمىگەن، ئېچىرقىغان.
ئاچ قورساق.
ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس (ماقال).
تارتىنغان ئاچ قالار (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. قانائەتسىز، شۈكۈر - قانائەت قىلمايدىغان؛ تويماس، ئاچ كۆز.
ئۇ باي بولغىنى بىلەن ئىنتايىن ئاچ ئادەم ئىكەن.
كۆچمە. تولمىغان، مۇكەممەل ئەمەس؛ كەم، پۈچەك.
ئاچ دان. ئاچ قاپىيە.
ئى. ئاچلىق ھالىتى ۋە شۇنداق ھالەتتىكى كىشى.
بىر قارنىم ئاچتىن ئۆلمەس (ماقال).
ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس (ماقال).
سۈپ. قېنىق، توق ئەمەس؛ سۇس (رەڭ ھەققىدە): ئاچ يېشىل. ئاچ سېرىق. ئاچ كۆك. ئاچ قىزىل.