UyghurMain Dictionary
خۇزىخې سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى قادىرىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ سۈلۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۈلۈكنى چىڭخەيلىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن خۇيزۇ ياڭ باۋيۈەن (1780 - 1873) قۇرغان. ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 29 - ئەۋلادى دەپ ئاتىغان خوجا ئابدۇللا 1672 - يىلى گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەيلەردە دىننى تەرغىب قىلغاندا، يۈننەنلىك ما (يۈننەندىكى بىجاڭ ناھىيىسىدىن) نى شاگىرت قىلىۋالىدۇ. يۈننەنلىك مادىن ئالتىنچى ئەۋلاد ئەن يۈيخېغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتى ياڭ باۋيۈەن يەتتىنچى ئەۋلاد دائى بولىدۇ. ياڭ باۋيۈەن 1798 - يىلى ۋاڭ تۇڭزىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شەنشى بىنجۇدىكى ئەن يۈيخېنى ئۇستاز تۇتىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەن يۈخې ۋە ليۇ بىنجۇنىڭ تەربىيىسىنى ئالىدۇ. 1800 - يىلى ليۇ بىنجۇ بىلەن بىللە مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ، دانالاردىن بىلىم ئېلىپ، كۆپ نەتىجە ھاسىل قىلىدۇ. دۆلەتكە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈيمېندىكى چاڭمار غارىدا ئۈچ يىل ئىستىقامەت قىلىدۇ. كېيىن شەنشىگە كېلىپ بېيجىيۈەندە ئالتە يىل ئىستىقامەت قىلىدۇ. 1812 - يىلى ئەن يۈيخېدىن كېيىن يۈننەنلىك ما سۈلۈكنىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد پېشىۋاسى بولىدۇ. ياڭ باۋيۈەن 1831 - يىلى ئۇستازىنىڭ ئەمىرى بويىچە گەنسۇ، شەنشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مىللەت ئايرىماي، مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ تەلىم ئالىدۇ. 1861 - يىلى خۇزىخېدا زاھىد بولىدۇ. 1872 - يىلى ليۇ جىنتاڭ شىنجاڭغا قوشۇن باشلاپ كېلىپ، خۇيزۇلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكى بىلەن كېپىللىك قىلىپ، بېيچۇەندىكى خۇيزۇ، خەنزۇ خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى قوغداپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇزىخېغا دەپنە قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئاتاپ مازار سېلىپ، مازارنى <خۇزىخې گۈمبىزى> دەپ ئاتايدۇ. 1895 - يىلىدىكى خېخۇاڭ ۋەقەسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى مازارغا ئوت قويۇۋېتىدۇ. بۇ سۈلۈككە ئەگىشىدىغانلار 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى چىڭخەيدىكى داتۇڭ، مېڭخې، نىڭشادىكى خەيگۇ ۋە گەنسۇدىكى خېجۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.