UyghurMain Dictionary
خۇشامەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىرەۋغا تەمەگەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش، خۇشامەت:
كى مەھزۇن خۇشامەت قىلىپ دايەگە،
قىلىپ فەرش توققۇز مەتائ پايەگە.
مەھزۇن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر تەمە بىلەن بىراۋغا قىلىنغان غەيرىي تەبىئىي مۇئامىلە، كۈچۈكلىنىش.
تۆھمەت، يالا، قارا
بىرەر مۇددىئا بىلەن بىراۋغا چاپلىغان يوق جىنايەت.
خۇشامەت قىلالىغان كىشى تۆھمەتمۇ قىلالايدۇ. يالاقچىلىق قىلغان يالمۇ چاپلايدۇ. تەخسىچىلىك قىلغان قارا چاپلاشنىمۇ بىلىدۇ. خۇشامەت قىلىش - ھاقارەت قىلىش بىلەن باراۋەر. خۇشامەت - يېرىم تىل - ئاھانەت. خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك ئۆزىگە لايىق بولمىغان نام - ئورۇن، شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر كىشىگە تەمەگەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش، غەيرىي مۇددىئا بىلەن ياخشى كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇش، ماختاش ۋە شۇ خىل ئۇسۇلدا قىلىنغان مۇئامىلە.
خۇشامەت قىلماق.
زېرەك كىشى خۇشامەتنى دوست تۇتماس (ماقال).
ئۇ مەخسۇتنىڭ خۇشامەت سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا، ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشاتتى.