UyghurMain Dictionary
خۇشال خۇرام
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
«خۇشال - خۇرام»خۇشال ۋە خۇرام، كۆڭلى ناھايىتى خۇش، كۆڭۈللۈك، شاد، بەختىيار.
خۇشال - خۇرام تۇرمۇش.
مانا ئۇلار خۇشال - خۇرام ھالدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىۋاتاتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى ۋە مەمنۇنلىقتىن كۆڭۈل ئېچىلىش، كۆڭۈل كۆتۈرلۈش ھالىتى.
« قىلماق، بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بەختىڭنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. خۇشال بولغاندا، كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس. خۇشال _ خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمە ئادەمزات. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولما خۇرسەن، ئۇندىن چوڭنى كۆرۈرسەن. يامانلىق قىلىپ بولما شادىمان، جازاسىنى تارتىدۇ ئاخىر يامان.