UyghurMain Dictionary
خۇررام مەزھىپى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ئىران، ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل سىرلىق دىنىي مەزھەپ. بۇ مەزھەپنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت: بىر ئېيتىلىشىچە، ئەبۇ مۇسلىم پاجىئەلىك تۈردە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىراننىڭ خۇررام دىگەن جايىدا بارلىققا كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەزھەپ ئەبۇ مۇسلىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى پانىي دۇنياغا قايتىپ كىلىپ ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرىدۇ دەپ قارىغان. مازداك مەزھىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۇنيادا ئاساسلىق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب، يەنى يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق مەۋجۇت، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئىلاھنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئادەمگە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا، مۇسا، ئەيسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە خۇررام مەزھىپىنىڭ <پەيغەمبىرى> قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئىجتىمائىي زۇلۇم ۋە بايلىقنىڭ تەڭسىزلىكىگە قارشى چىقىپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئالەمنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن ۋەھشىيلىكنىڭ مەھسۇلى دەپ ھۇجۇم قىلغان. يەرلەرنى ئومۇمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ، باج - سېلىق، ئالۋان - ياساقلارنى بىكار قىلىپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ مەزھەپنىڭ دىنىي ئەقىدىسى موكاننا قوزغىلىڭى ۋە بابەك قوزغىلىڭىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن