UyghurMain Dictionary
خۇرجۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە - كېرەكلەرنى قاچىلايدىغان سايمان.
«خۇرجۇن» ئىككى ئېغىزلىق بولىدۇ، كۆپىنچە سەپەردە ئىشلىتىلىدۇ.
«لاغلى» لوپنۇر دىئالېكتىدا «تاغار».
تاغاردا بىر گەپ. قاپ قوپۇپ تاغارنى يۆلەپتۇ، ئاغرىق قوپۇپ ساقنى. قېرىنىڭ سۆزىنى قاپقا سال. ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟ ! يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىچىگە نەرسە - كېرەك قاچىلىنىدىغان، ئۇلاغقا ئارتىشقا باب قىلىپ يىپ ياكى يۇڭدىن توقۇلىدىغان ئىككى باش قاپ.
ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن (ماقال).