Uyghur←ChineseMain Dictionary
خروموسومىلارنىڭ ئابېرراتسىيىسى
Domain: بىئولوگىيە染色体畸变
rǎnsètǐjībiàn
خروموسومىلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى، ئازىيىشى ۋە تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، سىتولوگىيىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. خروموسومىلارنىڭ ئابېرراتسىيىسى ئىرسىي ماددىسىنىڭ زور ئۆزگىرىشىياكى توساتتىن ئۆزگىرىشى بولۇپ، خروموسومىلارنىڭ ئابېرراتسىيىسى تەبىئىي پەيدا بولىدۇ، فىزىكا، خىمىيىلىك ئامىللاردىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ھالدا ئىندۇكسىيىلەپ پەيدا قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ئىندۇكسىيىلىك ئابېرراتسىيىنىڭ چاستوتىسى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. خروموسومىلارنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىشى تۈرلەرنىڭ ئېۋۇلۇتسىيىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىدا دائىم قوللىنىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.