UyghurMain Dictionary
خروماتىن
بىئولوگىيە
ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى ۋە گىستوننى ئاساس قىلىدىغان، خروموسومىنى تۈزگۈچى يادرو ئاقسىل كومپلېكىس بىرىكمىسى. ئۇ ئىشقارلىق بوياقلاردا ئاسان بويىلىدۇ. خروماتىننىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈش بىرلىكى نۇكلېئوزوما ياكى كارىيوزوما (يادرو دانىچىسى) بولۇپ، بۇنىڭ يىپقا تىزىلغان مارجاندەك بۇرمىلىنىشىدىن خروماتىن تالالىرى ھاسىل بولىدۇ. بۆلۈنۈش مەزگىلىدە خروماتىن تالالىرى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇرمىلىنىپ ۋە يۆگىشىپ قىسقىراپ خروموسمىغا ئايلىنىدۇ. خروماتىنلار دائىمىي خروماتىن ۋە غەيرىي خروماتىنلارغا بۆلۈنىدۇ، ئارىلىق مەزگىلى ۋە بۆلۈنۈشنىڭ دەسلەپكى ئالدىنقى دەۋرىدە ئالدىنقىسىنىڭ خروماتىن تالالىرى يېيىلغان ھالەتتە بولۇپ، ئاسان بويالمايدۇ، كېيىنكىسى زىچراق بۇرمىلانغانلىقتىن قېنىقراق بويىلىدۇ. <نۇكلېئوزوما> <دائىمىي خروماتىن> <غەيرىي خروماتىن> لارغا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
ئوكسىگېن ئاجراتقان يادرو قەنت كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىلىنىڭ بىرىكمە تەنچىسى. ئۇ يادرو ماددىسى بلەن خروموسۇمىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق تەركىب ھېسابلىنىدۇ.