UyghurMain Dictionary
خوئارې لاۋال كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خوئارې بىلەن فرانسىيە زۇڭلىسى لاۋال 1935-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى پارىژدا مەخپىي ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئېفىئوپىيىنىڭ ئوگادېڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەممىسىنى، تېگرى ۋە خارار ئۆلكىلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىتالىيىگە <ئۆتۈنۈپ بېرىش> يولى بىلەن، ئىتالىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئېرىترىيىدىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇنچاق زونانى ۋە ئاسسابقا بارىدىغان دېڭىز ئېغىزىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئېفىئوپىيە ئىتالىيە مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشقا قوشۇلۇشى ۋە ئىتالىيىگە ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بېرىش تەكلىپ قىلىنغان. كېلىشىم ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ مادارچىلىق سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، ئېفىئوپىيىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا يول قويغانلىق ئىدى. خەۋەر ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن دۇنيا ئەللىرىدىكى جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، خوئارې بىلەن لاۋال ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.