UyghurMain Dictionary
خوئابىن مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرىدىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگىچە بولغان دەسلەپكى بىر خىل مەدەنىيەت. 1926-يىلى ۋيېتنام خانوينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خوئابىن ئۆلكىسىدىن تېپىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تىپىك خارابىلەردىن چاۋدۇڭ ئۆڭكۈرى، كەنسۇن كەتتى، چېڭچەن، ماڭكاڭ قاتارلىقلاردىن بار.قېپقالغان نەرسىلەر ئاساسەن ھاك تېشى تاش ئۆڭكۈرلىرىدىن تېپىلغان، ئاساسلىقى تاش پالتا، تاش بىگىز قاتارلىق چوقۇپ ياسالغان تاش قوراللار بولۇپ، نەپىس ئىشلەنگەن. بىلەپ تىغ چىقىرىلغان بىر قىسىم قوپال تاش قوراللارمۇ بار. يەنە تاشتىن ياسالغان قاچىلاش ئسۋابى، بىلەي تاش، سۆڭەك ۋە مۈڭگۈزدىن ياسالغان قوراللاrرمۇ بار. لېكىن ساپال ئەسۋابلار يوق. دەۋرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىلدىن 6000 يىلغىچە ئىلگىرى بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.