UyghurMain Dictionary
خوتۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار ئىككى جىنىسنىڭ بىرى، بەدىنىدە ئانىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرەلەيدىغىنى.
ئەقىللىق، تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال، قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوق مىسال. دىل ئارامى ياخشى بولسا گەر خوتۇن، يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ھەممىلا قىز ياخشى بولسا، يامان خوتۇن نەدىن كەلدى؟ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇش ئەرنىڭ ئىشى ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جىنسىي جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ ئەكسى بولغان، تۇغۇش، ئېمىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئادەم؛ ئايال.
ئۇ خوتۇن توغرىسىدا مەن بەزى نەرسىلەرنى سورىدىم.
بىرەر ئەرنىڭ نىكاھىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.
ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن (ماقال).
تۇرمۇشقا چىققان، توي قىلغان قىز، جۇۋان.