UyghurMain Dictionary
خوردا
شىۋىلەر
شوۋىگۈرۈچ.
بىئولوگىيە
خوردىلىق ھايۋانلار تېنىدىكى نېرۋا نەيچىسى ۋە ھەزىم قىلىش نەيچىسى ئارىلىقىدىكى بىر تال تاياقسىمان تۈزۈلۈش بولۇپ، تۆرەلمە دەسلەپكى ئۈچىيىنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن بىر قىسىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن. بۇنداق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىدە ۋاكۇئولىلار كۆپ. ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى كۆپەيگەندە خوردىسى مەزمۇت ھەم ئېلاستىك بولۇپ، بەدىنىگە تىرەك بولىدىغان ئىسكىلىتلىق رول ئوينىيالايدۇ. خوردىنىڭ سىرتقى ئەتراپىدا خوردا غىلىپى بولۇپ، خوردىنىڭ تىرەكلىك كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. دەسلەپكى خوردىلىق ھايۋانلاردا ئاسىدىيىنىڭ بالا تېنىدە ۋە زىخچە بېلىقىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە خوردا ساقلىنىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ خوردىسى پەقەت تۆرەلمىلىك تەرەققىيات جەريانىدىلا كۆرۈلىدۇ، كېيىن ئومۇرتقىغا ئالمىشىدۇ. يۇمىلاق ئېغىزلىقلار ۋە ئاز ساندىكى بېلىقلار (مەسىلەن، ئۆپكىلىك بېلىق قاتارلىقلار) نىڭ تېنىدە خوردىنىڭ قالدۇقى ساقلانغان بولىدۇ. ھەرخىل خوردىلىق ھايۋانلارنى ئەتراپلىق كۆزەتكەندە خوردىنىڭ خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئوتتۇرا ئوق ئىسكىلىتىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قىسمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاناتومىيە
ئادەم ۋە كۆپ ساندىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇرتقاق سۆڭىكى ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.
بەزى ھايۋانلارنىڭ (مەسىلەن، بېلىقنىڭ) ئاساسىي ئىسكىلىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ماتېماتىكا
بىر تۈز سىزىق چەمبەر بىلەن ئىككى نۇقتىدا كېسىشكەندە، ئۇنىڭ چەمبەر ئىچىدىكى قىسمى خوردا دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىئال. شوۋىگۈرۈچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە، قىلىققا ئادەتلىنىش، ئۆگىنىپ قېلىش.
خوردا بولماق. خوردا قىلماق.