UyghurMain Dictionary
خوراسې مان
دۇنيا تارىخى
(1796 - 1859)ئامېرىكا مائارىپ ئەربابى. ماسساچۇسېت شتاتىدا تۇغۇلغان. 1819-يىلى بروۋن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1823-يىلى بوستۇندا ئادۋوكات بولغان. 1827 - 1833 - يىللىرى ماسساچۇسېت شتاتىدا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولغان. 1833 - 1837 - يىللىرى شتات كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغان. 1935-يىلىدىن باشلاپ پالاتا باشلىقى بولغان. 1937 - 1848 - يىلىدىن باشلاپ پالاتا باشلىقى بولغان. 1937 - 1848 - يىللىرى مۇشۇ شتاتتا مائارىپ كومىتېتىنىڭ تۇنجى رەھبىرى بولغان. 1843 - يىلى ياۋروپاغا بېرىپ مائارىپنى كۆزدىن كەچۈرگەن. پېستالوززى پېداگوگىكىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرگەن. 1848 - 1853 - يىللىرى قوشما شتات كېڭەش ئەزاسى بولغان ھەمدە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1852 -1859 - يىللىرى ئانتىئوك شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئامېرىكىدا كاپىتالىستىك سانائەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش ئۈچۈن، مائارىپنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى لايىھىسىنى يولغا قويغان، جامائەت مەكتىپى تۈزۈمىنى يولغا قويغان، مىللىي مائارىپنى مەجبۇرىيەت قىىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنداقلا سىفەن مەكتەپ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. <ئادەتتىكى مەكتەپلەر ژۇرنىلى> نى تەسىس قىلغان. ئۇ تەھرىرلىك قىلغان <يىللىق گېزىت> جەمئىي 12 سان چىقىرىلغان. مەكتەپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، قىزلار مائارىپى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا بىرمۇنچە ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەم ئىسلاھ قىلىش پىكىرلىرىنى قويغان. ئامېرىكىدا خەلق مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.