UyghurMain Dictionary
خولېستېروللار
بىئولوگىيە
ئاددىي ئاتىلىشى <خولېستېرول>. ئورمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، مېڭە نېرۋا توقۇلمىلىرى ۋە بۆرەك ئۈستى بېزىدە مىقدارى بەكمۇ مول بولىدۇ. مېڭە قاتتىق ماددىلىرىدا تەخمىنەن 17 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. جىگەر، بۆرەك ۋە ئېپىدېرما توقۇلمىلىرىدا مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ. خولېستېرول، ستېرول يەنى سكىللىق كۆپ ھىدروگېنلىق فېنانترېن بىلەن ئىزو ئوكتانولدىن تۈزۈلىدۇ. خولىستېرول ئېغىر، خلوروفروم، بېنزول ھەم ئىسسىق ئېتىل ئسپرىتتا ئاسان ئېرىيدۇ، سوپۇنلاشمايدۇ. ھايۋانلار خولېستېروللارنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنالايدۇ. ھايۋان تېنىدە ئۆزلۈكىدىنمۇ سىنتېزلىنىدۇ. ئوزۇقلۇقتىكى خولېستېرولنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرى ۋە يىلىكتە خولېستېرولنىڭ سىنتېزلىنىشىغا نىسبەتەن تورمۇزلاش رولى بولۇپ، ئاساسەن HMG - CoA ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىمنىڭ سىنتېزلىنىشىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭلاشقا خولېستېرلنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تەتۈر قايتۇرما تەسىرلىك شەكلىدە تېزلىكتە تەڭشەيدۇ. ئۇ بىئو پەردىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى، نېرۋا غىلاپىدىكى ئۆتكۈزمەس ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ھايۋان ھۈجەيرىسى مەلۇم خىلدىكى زەھەرگە نىسبەتەن قوغدىنىش رولىغا ئىگە بولىدۇ.