UyghurMain Dictionary
خولېرا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچ سۈرۈپ، ئادەمنى تېز ھالاك قىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل.
ۋابادىن ئامان قېلىپ، ھاراقتا ۋەيران بولغان. دوستلۇق ئارا دەھشەتلىك ۋابا - خۇشامەتچىلىك. خولېرانىڭ داۋاسى تازىلىق. خولېرا تارالسا، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا مەلۇم قىلىش كېرەك. چوڭ ئانام چۇمادىن ئامال قالغان، تومۇدىن كەتتى.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، خولېرا باكتىرىيىسىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
شىددەتلىك گۈرۈچ سۈيىدەك قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش، ئېغىر درىجىدە سۇ يوقىتىش، سپازمىلىنىش، شوك بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قەلەمپۇر 30 گرام، ئىپار ئۈچ گرام، گۈلدارچىن ئالتە گرام، راسەن 5.4 گرام، مەستىكى رۇمى، ئەپيۈن بەش گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېھى شەربىتى بىلەن يۇغۇرۇپ گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قىزىلگۈلدىن 20 گرام، ئانار گۈلى، موزا، ئامۇت يوپۇرمىقى، سىماق، بەللۇت، گۈرۈچ كراخمىلى 10 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۇلاب بىلەن يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز تالدىن بىر تال ئانار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قۇرۇتۇلغان بۇغا مۈڭگۈزى، سېمىز ئوت غولى، قومۇش يىلتىزى تەڭ مىقداردا، ئاچچىق ئانار 500 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى كۆيدۈرۈپ، ئاچچىق ئانارنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئانار سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە>گرېكچە
تېبابەت
ئۈچەي يولىرىدا بولىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى خولېرا تىرناقسىمان باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا، ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش، چوڭ تەرەت خۇددى گۈرۈچ سۈيىگە ئوخشاش سۇيۇق كېلىش، پۇت - قول تارتىشىش ۋە مۇزلاش، شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.