Chinese→UyghurMain Dictionary
希腊历法
دۇنيا تارىخى
يۇنان كالېندارى
قەدىمكى يۇنانلىقلار ئىشلەتكەن كالېندار. قەدىمكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كالېندارى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمىگەن. ئومۇمەن، يۇنانلىقلارنىڭ ئاينىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئايلارنى (قەمەرىيە ئېيى) ھېسابلاپ چىققان. بىر يىل 12 ئاي، چوڭ ئاي 30 كۈن، كىچىك ئاي 29 كۈن قىلىنىپ جەمئىي 354 كۈن ياكى 355 كۈن دەپ ھېسابلىغان، بۇ، قۇياش يىلى (شەمسىيە) دىن ئەمەلىي كۈن پەرقى 10 كۈن ياكى 11 كۈنى كەم بولۇپ چىققان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە كەبىسە ئاي قويۇلۇپ پات - پات تەڭشەپ تۇرۇلغان. بەلكىم ئۇلار سەككىز يىل ئىچىدە، ئۈچ كەبىسە ئاي (كەبىسە يىلىنى 13 ئاي ھېسابلىغان) قويغان بولسا كېرەك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە (مىلادىدىن تەخمىنەن 432 يىل ئىلگىرى) ئافىنالىق ئاسترونوم مېتون خالىدلىقلار (مېسوپوتامىيىدە) كالېندارىدىن پايدىلىنىپ <19 يىلدا يەتتە كەبىسە قوشۇش ئۇسۇلى> يەنى 19 يىل ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3، 5، 8، 11، 13، 16 - ۋە 19 - يىللىرىغا كەبىسە ئاي قوشۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداق قىلىپ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5/91 365 كۈن قىلىنىپ، قۇياش يىلى (شەمسىيە) كۈن سانى بىلەن خېلىلا يېقىنلاشقان. بىراق ئافىنا ھۆكۈمەت تەرەپنۇ بۇنى رەسمىي قوللانغان ۋاقتى 100 يىل كېيىنكى ئىش ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن Ⅰ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، <مېتون كالېندارى> ئورنىغا رىمنىڭ <يۇلېي كالېندارى> (كائېسار كالېندارى) ئورنىتىلغان.