Chinese→UyghurMain Dictionary
希腊大殖民
دۇنيا تارىخى
يۇنان بۈيۈك كولونىيىسى
قەدىمكى يۇناننىڭ سىرتقا قارىتا زور كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅷ ئەسىرلەردە، گرېتسىيىدىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى داۋامىدا، كۈنسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقان يۇنان ئاھالىسى داۋاملىق تۈردە سىرتقا يۆتكىلىپ تۇرغان. سودىگەرلەر چەتكە بېرىپ سودا قىلغان، ۋەيران بولغۇچىلار تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەتكەن، سىياسىي كۈرەشلەردە ئىخلاسىنى يوقاتقۇچىلار يېڭى پۇرسەت تېپىش ئۈچۈن كەينى - كەينىدىن سىرتقا بېرىپ، چەت ئەللەردە بەزى كولونىيىلەرنى (كۆچمەن پونكىتلىرى) ئېگىلىۋېلىشقا باشلىغان. يۇنان ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كولونىيىلەرنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، غەربىي ھازىرقى ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە (شەرقىي دېڭىز بويلىرى) دىن تارتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى (مىسىر، نوبىيە) غىچە، شەرقىي ۋە شەرقىي شىمال - كىچىك ئاسىيا، ھېللېسپونت، قارا دېڭىز ئەتراپىغىچە كېڭەيگەن. مەسىلەن: مىگارلىقلار بوسپور دېڭىز بوغۇزى بويىدا قۇرغان ۋىزانتىيە، ئافىنالىقلار جەنۇبىي ئىتالىيىدە قۇرغان تورىي، سىپارتالىقلر جەنۇبىي ئىتالىيىدە قۇرغان تارېنتۇم، كورنىتوسلىقلار سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرغان سىراكۇزا، مىلېتوسلىقلار قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا قۇرغان سېنوپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى زاماندا مەشھۇر كولونىيە شەھەرلىرى ئىدى. نۇرغۇنلىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن <يالا شەھەر دۆلەتلىرى> يەنە ئۆز نۆۋىتىدە سىرتقا قاراپ كولونىيە ئېلىپ بارغان، تەرەققىيات كۆلىمى ئەسلىدىكى <ئانا شەھەر دۆلەت> دىن ئېشىپ كەتكەن. يۇنان كولونىستلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدا فىنىكىيىلىقلار بىلەن تەسىر كۈچى دائىرىسىنى تالىشىشتىكى قۇدرەتلىك رەقىبكە ئايلانغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان <بالا شەھەر دۆلەتلىرى> كولونىست <ئانا شەھەر دۆلەتلىرى> بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن، بىراق سىياسىي جەھەتتىن ئومۇمەن ئالغاندا مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇپ كەلگەن. كولونىيە (ئاھالە كۆچۈرۈش) ھەرىكىتى گرېتسىيە بىلەن باشقا ھەرقايسى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساىي ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.