Chinese→UyghurMain Dictionary
西吉斯孟三世
دۇنيا تارىخى
زىگمۇنت Ⅲ
(1566 - 1632) پولشا كورۇلى (1587 - 1632). شۋېتسىيە كورۇلى جون Ⅲ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، پولشا - شۋېتسىيە ئىتتىپاقىنى تۈزۈپ، روسىيەگە بىللە قارشى تۇرماقچى بولغان. 1592 - يىلى قوشۇمچە شۋېتسىيە كورۇلى بولغان (1594 - يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن)، لېكىن دىنىنى ئۆزگەرتىپ پروتسېتانت دىنى (شۋېتسىيە پروتېستانت دىنىغا ئىشىنەتتى) غا كىرىشنى رەت قىلغانلىقتىن، 1599 - يىلى قالدۇرۇلغان. كېيىن پولشا بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىغان (1600 - 1611، 1621 - 1629)، 1609 - 1618 - يىللىرى روسىيەگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزگەن، 1610 - يىلى ئوغلى ۋلادىسلاۋ (كېيىن ۋلادىسلاۋ Ⅳ دەپ ئاتالغان) روسىيە چار پادىشاھى دەپ ئېلان قىلىنغان.