Chinese→UyghurMain Dictionary
西吉斯孟二世
دۇنيا تارىخى
زىگمۇنت Ⅱ
(1520 - 1572) پولشا ياگېللون خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1548 - 1572). تەختتىكى مەزگىلىدە، لىۋونىيە ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ، لىۋونىيە رىتسارلىرى پولكىنىڭ روسىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. 1569 - يىلى پولشا بىلەن لىتۋا ليۇبلىن شەھىرىدە قوشۇلۇش شەرتنامىسى (<ليۇبلىن بىرلىشىشى> گە قارالسۇن) ئىمزالاپ پولشا - لىتۋا پادىشاھلىقىنى قۇرغان. دەسلىپىدە پولشانىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق پادىشاھ ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان، كېيىن بۇرۇلۇپلا رىم كاتولىك دىنىغا تايانغان.