UyghurMain Dictionary
خاتىرە ئورنى تەلىماتى
پسىخولوگىيە
بۇ نېرۋا فىزىئوگلىرىنىڭ خاتىرە توغرىسىدىكى بىر خىل تەلىماتى. بۇ تەلىمات مۇنداق دەپ قارايدۇ: خاتىرىنىڭ مېڭىدە ئالاھىدە پەيدا بولۇش ئورنى بولىدۇ، تۈرلۈك خاتىرىلەر مېڭىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلىرىدا بارلىققا كېلىدۇ. مېڭىنىڭ فۇنكسىئونال ئورۇنلىرىنىڭ ئەھۋالى دەسلەپ كلىنىكىلىق كېسەللەردە بايقالغان. بۇ تەلىماتنى كانادالىق تاشقى كېسەللەر دوختۇرى پېنفېلد قوللايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار مېڭە قاپقىقىنى ئېچىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئۇستىدە ئىزدىنىپ، توك ئارقىلىق بىمارنىڭ چېكە بۆلۈكىدىكى پوستلاقنى غىدىقلىغاندا، بىمار ئۆتكەن ئىشلارنى ئېنىق ئەسلىگەن. مەسىلەن: ئىلگىرى ئاڭلىغان مۇزىكىنى ئاڭلىغان ھەمدە ئانىسىنىڭ كىيىم كەيدۇرگەنلىكىنى ئەسلىگەن. باشقا ئورۇنلارنى غىدىقلىغاندا، بۇ خىل ئەسلەش بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار چېكە بۆلۈكىنى سەزگۈ - ئىدراكنىڭ ئوبراز خاتىرىسى رايون دەپ ھېسابلىغان. چېكە بۆلىكىنىڭ بۇ خىل ئەسلەشلىرى تولاراق كۆرۈش، ئاڭلاش جەھەتتىكى نەرسىلەردىن ئىبارەت. سۆز - ئىبارەت، ئابىستراكت مۇرەككەپ خاتىرىلەر ماڭلاي بۆلىكىدە ئىكەن. بىر مۇنچە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەقەنقۇرسىمان قىسمىنىڭ خاتىرە شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇھىم ئەھمىيىتى بار ئىكەن. سەقەنقۇرسىمان پۈرمە زەخىملەنسە، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىگە تەسىر قىلىدۇ، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىتلىق خاتىرە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خاتىرە پائالىيىتىگە پەقەت ئارىلىق سىستېمىلار قاتنىشىپ قالماي، تورسىمان قۇرۇلمىنىڭمۇ خاتىرە بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، پوستلاق ئاستى قۇرۇلمىسى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مېڭە بىلەن ئارىلىق مېڭىنىڭ تورسىمان قۇرۇلمىسى شەرتلىك رېفلېكىسنىڭ ئۇلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن: ئاۋازنى شەرتلىك غىدىقلىغۇچ، نۇرنى كۈچەيتكۈچى غىدىقلىغۇچ قىلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم تەكرارلاپ بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، يالغۇز ئاۋازمۇ پوستلاق ئاستى قاتلاملاردا ۋە پوستلاق ئاستىدا شەرتلىك خاراكتېردىكى «رېئاكسىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى» نى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، شەرتلىك رېفلېكس تورسىمان قۇرۇلما ئىچىدە تۇتاشسا كېرەك. خاتىرە مەركىزىنىڭ ئورنىنى تورسىمان قۇرۇلما ئىچىدە دەپ پەرەز قىلىشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ مېڭە پوستلىقىدا ئاسسوتسئاتسىيە رايونى، خاتىرە مەركىزى، ھېسسىيات مەركىزى دېگەنلەر يوق. بۇ مەركەزلەر ئۈچۈن مەخسۇس چېگرالانغان رايونمۇ يوق، بەلكى ئۇ پۈتۈن پوستلاققا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمىدىن ئالغاندا، ئۇ كەڭ مېڭە سىستېمىسىغا چېتىلىدۇ، مېڭىنىڭ مەلۇم رايونىنىڭ فۇنكسىيىسى ئەمەس، پەقەت مېڭىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىنراق بولۇشى مۇمكىن، خالاس.