UyghurMain Dictionary
خاتىرە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<خاتىرات> قا قاراڭ.
پسىخولوگىيە
كىشى مېڭىسىنىڭ ئىلگىرى تەسىر قىلغان شەيئىلەر توغرىسىدىكى ئىنكاسى، ئەستە قالدۇرۇش، ئەستە ساقلاش، تونۇش ۋە يادىغا كېلىش (ئەسكە كېلىش) لەر خاتىرىنىڭ ئاساسىي جەريانلىرى. يەنى كىشىلەر ئۇچراشقان شەيئى ۋە ئىشلار ئەستە قالدۇرۇش ئارقىلىق، تەجرىبە تەرىقىسىدە كىشى مېڭىسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە مەلۇم شارائىت ئاستىدا يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ، مانا بۇ تونۇش (پەرق ئېتىش) ياكى يادىغا كېلىشتىن ئىبارەت. خاتىرىمۇ سەزگۈ - ئىدراك، تەپەككۇرلەرگە ئوخشاش پسىخىك ھادىسە، كىشىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئى توغرىسىدىكى بىر خىل ئىنكاس فورمىسى. لېكىن خاتىرە ئەلھام تەسىرس قىلغان شەيئىنىڭ يەنى سەزگەن، ئىدراك قىلغان، پىكىر يۈرگۈزگەن، ھېس قىلىنغان، ئىشلەپ كۆرۈلگەن شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى. خاتىرە بىر خىل مۇرەككەپرەك پسىخىك جەريان. ئۇ باشقا پسىخىك جەريانلارغا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن باشقا پسىخىك جەريانلاردىن بولۇپمۇ كىشىنىڭ ئەقلىي پائالىيىتىدىن ئايرىلمايدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، خاتىرە ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشىنىڭ شەكىللىنىش، مۇستەھكەملىنىش ۋە ئەسلىگە كېلىش جەريانى، يەنى مەلۇم نېرۋا ئىمپۇلىسى مەلۇم يول بىلەن چوڭ مېڭىگە كىرىپ، چوڭ مېڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك نېۋرونلار ئارىسىدا تەكرارلىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى، يەنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلىقىغا ئورناشقان ئىز. مانا بۇ ئەستە قالدۇرۇش، ئەستە ساقلاش جەريانىدۇر. مۇنداق ئىز ماس ھالدىكى غىدىقلاش ئارقىلىق قايتا جانلىنىشى مۇمكىن، مانا بۇ ئەسلەش ياكى يادىغا كەلتۈرۈش جەريانىدۇر. كىشىنىڭ خاتىرىسى ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ ھەمكالىقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىدىكى ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى كونكرېت ئوبيېكتىنىڭ تەسىرىدە شەكىللىنىشىمۇ، سۆز تەسىرىدە شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن، ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى، بىر تەرەپتىن، كىشىنىڭ خاتىرە مەزمۇنىنى بېيىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىنىڭ خاتىرىسىنى مەقسەتلىك، پىلانلىق پائالىيەتكە خاتىرىسىنى مەقسەتلىك، پىلانلىق پائالىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ خاتىرىسىنى ماھىيەت جەھەتتىن ھايۋاننىڭكىدىن پەرقلەندۈرگەن. ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىنىڭ خاتىرىسى مېڭىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلىرىدا سەۋىيىدە بارلىققا كېلىدىكەن. مېڭىنىڭ مەلۇم ئورنىنىڭ ئالاھىدە فونكىسىيىسى ئەمەس ئىكەن. لېكىن مېڭىنىڭ ئارىلىق سىستېمىسى بولۇپمۇ مېڭىنىڭ چېكە بۆلۈكى ۋە سەقەنقۇر قىسمىنىڭ خاتىرە بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن. خاتىرىنىڭ مېخانىزمى توغرىسىدا پەنە ئالىملىرى بىر پۈتۈنلۈك سەۋىيسى، ھۈجەيرە سەۋىيسى ۋە مولېكۇلا سەۋىيسى بويىچە كەڭ تۈردە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا ھەمدە نۇرغۇنلىغان قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. زامانىۋى پەن - تېخنىكا، بولۇپمۇ ئىنفورماتىكا (ئۇچۇر نەزەرىيسى)، كىبېرنېتكا (تىزگىنلەش نەزەرىيىسى) نىڭ بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، كىشىلەر خاتىرىنى ئىنفورماتسىيە (ئۇچۇر) نى پىششىقلاپ ئىشلەش پرىنسىپى بويىچە چۈشەندۇرۇپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇنى مېڭىگە توپلانغان ئۇچۇرلار يىغىندىسى دەپ ھېسابلىماقتا. خاتىرە جەريانى ئۇچۇرلارنىڭ (ئىنفورماتسىيىلەرنىڭ) كىرىش، پىششىقلاپ ئىشلىنىش ۋە رەتلىنىش، ساقلىنىش ھەم كېرەك ۋاقتىدا چىقىرىپ ئېلىنىش جەريانى دەپ قارالماقتا. خاتىرە مەزمۇنىغا قاراپ، ئوبرازلىق خاتىرە، لوگىكىلىق خاتىرە، كەيپىيات خاتىرىسى، ھەرىكەت خاتىرىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. خاتىرە خاتىرە جەريانىنىڭ ئۇچۇر كىرىپ ئېلىنغىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقى، ئۇچۇرلارنىڭ رەتلىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە (سەزگۈ خاتىرىسىمۇ دېيىلىدۇ)، قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە، ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىلەرگە بۆلۈنىدۇ، بەزىلەر بۇنى خاتىرىنىڭ ئۈچ باسقۇچى ياكى ئۈچ خىل خاتىرە ستستېمىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
خاتىرىنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. خاتىرە كىشىلەرنىڭ بىلىم، تەجرىبىلەرنى توپلاش، يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ زۆرۈر شەرتى، خاتىرە بولمىسا، كىشىلەر ئەقلىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالمىغان بولاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بىرەر ئادەم ياكى بىرەر نەرسە ھەققىدىكى ئىش - ھەرىكەت، ھادىسىلەرنى ئەستە ساقلاش، ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتى؛ ئەس، ياد، زېھىن.
خاتىرىسىدە تۇتماق. خاتىرىسىگە كەلتۈرمەك.
ئادەمنىڭ خاتىرىسى 18 ياشتىن 29 ياشقىچە تەرەققىي قىلىپ، چېكىگە يېتىدۇ.
ئى. بېشىدىن كەچۈرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىش، ھادىسە، ۋەقە ۋە شۇ قاتارلىقلار؛ ئەسلىمە؛ سەرگۈزەشتە؛ ئۆتمۈش.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ياش يىگىتلىك چاغلىرىدىكى شېرىن خاتىرىلىرىنى زوق بىلەن سۆزلەشكە چۈشتى.
سۈپ. ئەسلەش، سېغىنىشنى بىلدۈرىدىغان؛ ئەسلەش، ياد قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان، يادىكار قىلىنغان.
خاتىرە ھەيكەل. خاتىرە تاش. خاتىرە مۇنار.
ئى. مۇھىم ۋە زۆرۈر دەپ ھېسابلانغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تۇتۇلىدىغان دەپتەر.
مەن ياتاققا كېلىپ، جوزا ئۈستىگە مەخسۇس تىزىلغان كىتابلار ئارىسىدىن كۈندىلىك خاتىرەمنى ئالدىم.
سۈپ. مەخسۇس خاتىرىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان، مەخسۇس تۇتۇلىدىغان.
تۆرىخان يانچۇقىدىن كونا بىر خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ، ئۇيان - بۇياننى ۋاراقلاشقا باشلىدى.
ئى. ئېچىلغان يىغىننىڭ مەزمۇنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن تۈرلۈك مەسىلە ياكى بىرەر ئىش، ھادىسە، ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن يازما ماتېرىيال، يازما دوكلات؛ مەسىلە.
يىغىن خاتىرىسى.
ئى. روھىي كەيپىيات، مىجەز.
بۇ ئىشتىن پادىشاھنىڭ كۆڭلى غەمكىن، خاتىرىسى پەرىشان بولۇپ قالدى.
ئى. كۆچمە. ئابرۇي، ھۆرمەت.
يۈز - خاتىرە قىلماق.