UyghurMain Dictionary
خاتەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تامغا، مۆھۈر: تامغىلىق ئۈزۈك:
ئۈزۈك؛ ئۈزۈكنىڭ كۆزى:
ئاخىر، ئەڭ ئاخىرقىسى:
1. فەتھىل - ئەبۋابى فۇيۇزاتىڭدىن ئېردى ئىززۇ جاھ،
مايەئى مۇئجىز سۇلەيمەن ئىلكىدە خاتەم ئەمەس.
ئەرشى.
2. بوتۇن بىرلە خاتەم ساڭا تۇھفەدۇر،
تونى ھۇللە، خاتەم ئېرۇر بەلكى نۇر.
ئا. نىزارى.
3. شەفېئ ئەتتى تەمام پەيغەمبەرىنى،
ئەۋەل ئادەم، ئاخىر خاتەم نەبىنى.
موللا پازىل.
4.ئاخخرەت سەرمايەسىدۇركىم سەخاۋەت پىشەقىل،
روزى مەھشەردە شەفائەت ئەيلەگەي خاتەم ساڭ.
نەۋبەتى.
خاتەمۇل - ئەنبىيا نىڭ قىسقارتىلمىسى:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تامغا، تامغىلىق ئۈزۈك، مۆھۈر؛ ئۈزۈكنىڭ كۆزى؛ سوڭغى، ئاخىرقى، تۈگمەنچى: خاتەمكار، خاتەمىساز - نەقىش سالغۇچى (ئىشچى)؛ خاتەمى لەئل - ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك، كۆچمە مەنىسى: ئېغىز، چىرايلىق ئېغىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
① ئۈزۈك؛ ② ئاخىرقى