UyghurMain Dictionary
خاتا ناماز
بىئولوگىيە
نامازنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇۋېتىش، ۋاجىب مۇراسىمىنى ئۇنتۇپ قېلىش ياكى كېچىكتۈرۈش كۆزدە تۇتلىدۇ. مەسىلەن، نامازدىكى پەرزنى كېچىكتۈرۈش، ۋاجىبنى ئۇنتۇپ قېلىش ياكى كېچىكتۈرۈش، رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغاندا، ناماز ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىسىدىكى ئىستىقامەتتە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاخىرقى ئىستىقامەتتىن باشقا مۇراسىمدا سەلەۋات ئوقۇش قاتارلىقلار خاتا ناماز جۈملىسىگە كىرىدۇ. شەرىئەت بويىچە، مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ناماز تۈگەشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكىدەك تولۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك: ئاخىرقى ئىستىقامەتتە كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپكە قاراپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېيىش كېرەك. ئاندىن ئاخىرقى ئىستىقامەتتە ئوقۇلىدىغان ئىستىغپارنى باشتىن ئوقۇپ، ئاخىرى ئوڭغا، سولغا سالام قىلغاندىن كېيىن، نامازدىن تۇرۇپ كېتىش كېرەك.