Chinese→UyghurMain Dictionary
伍莱
دۇنيا تارىخى
ۋوللېي
(1880 - 1960) ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ. 1905 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئاخېمولىن مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان، 9071 - 1912 - يىللىرى نوبىيە رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1921 - 1922 - يىللىرى ئامارنادىكى قېزىش خىزمىتىگە باشچىلىق قىلغان. 1922 - 1934 - يىللىرى ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارخېئولگىيە ئەترىتىنى باشلاپ، ئىراقنى جەنۇبىدىكى ئۇر دېگەن جايدا ئۇزاققىچە قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى سومېرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پادىشاھلارنىڭ قەبرىلىرى ۋە خارابە ئىزلىرىنى تېپىپ، ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. قېزىپ چىقىلغان كۆپلىگەن بىللە دەپنە قىلىنغان نەپىس بۇيۇملار ۋە مىخ يېزىقلىق سېغىز بەتلەر سومېرنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەمەلىي ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1936 - 1939، 1946 - 1949 - يىللىرى يەنە ئىككى قېتىم تېل ئاتچېنا خارابىسىنى قازغان. ئوتتۇرا شەرق ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا مەلۇم تۆھپە قوشقان. <ئۇر قېزىلمىلىرىدىن دوكلات>، <ئارخېئولوگىيە ئاساسىدا ئاسىياغا نەزەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.