Chinese→UyghurMain Dictionary
伍耳兹利
دۇنيا تارىخى
ۋولسېلېي
(1833 - 1913) ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ۋىكونت. دەسلىپىدە دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن ئارمىيە بىلەن بىللە ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - بىرما ئۇرۇشى ۋە قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1860 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىلەن بىللە ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. 1867 - يىلى كانادادا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھەربىي تەمىنات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1870 - يىلى رېد - رىۋېر يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنى باشلاپ، رىئېل رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1873 - يىلى يەنە يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى باشلاپ چىقىپ، ئاشانتى پادىشاھلىقىنىڭ قارشىلىق كۈرىشىنى باستۇرغان. 1875 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن ناتال، سىپروس ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. 1882 - يىلى 8 - ئايدا مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، كېيىن ئەرابى رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1890 - يىلى ئىرلاندىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى بولغان. 1894 - يىلى مارشال ئۇنۋانىنى ئالغان. ئىككىنچى يىلدىن 1901 - يىلغىچە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارمىيىدىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەن. <ناپولېئوننىڭ ھالاك بولۇش تارىخى>، <بىر ئەسكەرنىڭ ھاياتى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.