Chinese→UyghurMain Dictionary
王月花号
دۇنيا تارىخى
<ماي گۈلى> ناملىق كېمە
ئەنگلىيە كۆچمەنلىرى شىمالىي ئامېرىكىغا بارغان بىرىنچى كېمە. 1620-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئەنگلىيىدىن شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى پىلىمۇتقا قاراپ يولغا چىققان. كېمىگە جاپاكەش دېھقان، ھۈنەرۋەن، توختاملىق قۇللار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پۇرىتانلار (كالۋىن مۇرىتلىرى) دىن بولۇپ جەمئىي 102 ئادەم چۈشكەن. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى نىشانغا يېتىپ بارغان. سەپەر جەريانىدا پۇرىتانلار مەسلىھەتلىشىپ <ماي گۈلى ناملىقى كېمە ئەھدىنامىسى> ئىمزالىغان، مەزمۇنى: پۇقرارلار تەشكىلاtى ئۇيۇشتۇرۇش؛ مۇستەملىكىنىڭ پاراۋانلىقىغا پايدىلىق بولغان ئادىل، باراۋەر بولغان قانۇن، پەرمان، تۈزۈم، نىزام ۋە ئەمەللەرنى تۈزۈش قاتالىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئەھدىنامە كېيىىن يېڭى ئىنگىلاندتىكى ھەرقايسى شتاتلارغا ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىدا ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە ئاساس ياراتقان.