Chinese→UyghurMain Dictionary
王朝反对派
دۇنيا تارىخى
خاندانلىق ئۆكتىچىلىرى
فرانسىيىنىڭ ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدىكى ئاۋامپالاتاسىنىڭ ئورلېئان مەزھىپىدىكىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇھى. ھوقۇق تۇتمىغان سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيىسى لىبېراللىرىنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ئىنقىلابتىن ساقلىنىش ۋە ئورلېئان خاندانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىسلاھات غەرەزلىرىنى رەت قىلىدىغان ھوقۇق تۇتقان گورۇھتىكىلەرنىڭ ئەكسىچە، مۆتىدىل سايلام ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ گورۇھتىكىلەر ئىيۇل خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بارا - بارا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ رەھبىرى ئودىلون بارون زىياپەت ھەرىكىتىنى باشلىغۇچىلارنىڭ بىرى.