UyghurMain Dictionary
ۋىستفارىيە سۈلھ شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى30 يىللىق ئۇرۇشنى (1618 - 1648) ئاياغلاشتۇرغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1648 - يىل 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ۋىستفارىيىنىڭ مۇنىستېر شەھىرىدە ئىمزالانغان. ئىككى سۈلھ شەرتنامىدىن (<ئوسنابرۇك سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە <مۇنىستېر سۈلھ شەرتنامىسى>) تەركىب تاپقان. شەرتنامىدە: شۋېتسىيە پۈتكۈل غەربىي پومېرانىيە ھەمدە شەرقىي پومېرانىيىنىڭ بىر قىسمى، ۋىسمار شەھىرى، برېمېن، ۋىردېندىن ئىبارەت ئىككى ئېپىسكوپ رايونىغا ئىگە بولىدۇ. فرانسىيە ئالساسنىڭ كۆپ قىسمىغا ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، 1552 - يىلى فرانسىيە بېسىۋالغان مېتز، توئۇل، ۋېردۇن فرانسىيىگە تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. گېرمانىيە زېمىنىدىكى براندېنبۇرگ، ساكسېن، باۋارىيە قاتارلىق بىر قانچە بەگلىكنىڭ ھەممىسى زېمىنىنى كېڭەيتكەن. ئىتتىپاقداش بەگلىكلەر ئۆز تېررىتورىيىسىدە ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. شۋېتسارىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ئېتىراپ قىلىنغان. ئىسپانىيىمۇ گوللاندىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. گېرمانىيىدىكى كالۋىن مۇرىتلىرى كاتولىك مۇرىتلىرى ۋە لوتېر مۇرىتلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇننىقولغا كەلتۈرگەن. سۈلھ شەرتنامىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھابىسبۇرگ سۇلالىسىگە قاتتىق زەربە بېرپ، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن پارچىلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەمدە دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرۇۋەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.